
ئاپتونوم رايوننىڭ 2010–يىلىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىدىن بۇيانقى سىياسىي كېڭەش خىزمىتى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان
ياۋ تۇڭ
‹‹قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش، ئەقىل كۆرسىتىش، كۈچ قوشۇش›› ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەننىڭ سىياسىي كېڭەشكە قويغان بۇ تەلىپى ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، ئۇنى پىرىنسىپ بىلەن تەمىنلەپ، ئەزالارنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى كۈچەيتتى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە ئىزچىل يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، شۇجى جاڭ چۈنشيەن سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلدى ۋە ئۇنى قوللىدى، 2010 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، شۇجى جاڭ چۈنشيەن سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا كۆپ قېتىم تەستىقىي يوليۇرۇق بەردى.
نەچچە يىلدىن بۇيان ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنى باشتىن – ئاخىر ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشنىڭ بىرىنچى تەلىپى قىلىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سەپ تەشكىلاتىلىق مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملىدى؛ دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە مەركەزلەشتۈرۈپ، دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىپ، بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا تەدبىر، تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىشنى ئىجادىي يولغا قويۇپ، كېڭىشىپ بىرلىككە كەلگەن پىكىرلەرنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇندى.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنىدىن بۇيانقى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش خاتىرىسىگە نەزەر سالغاندا، كۆپلىگەن تەكلىپ، تەۋسىيەلەر، بىر قاتار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتلىرىنىڭ ھەممىسىدە شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن قەلبلەرنى مۇجەسسەملەپ، ئەقىل كۆرسىتىپ، كۈچ چىقارغانلىقىدىن ئىبارەت جانلىق ئەمەلىيەت خاتىرىلەنگەن بولۇپ، بۇلار شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ دىققەتنى ئاپتونوم رايوننىڭ مەركىزىي خىزمىتىگە مەركەزلەشتۈرۈپ فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيە قەدىمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستىل ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش داۋامىدىكى مەزمۇت قەدەملىرىنىڭ شاھىتى.
كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەپ، بىرلىكتە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى ۋېي تيەنجې كېسەللىك سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەن بىر قازاق ئائىلىسىنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا 20 يىل ياردەم بەردى، ئەڭ دەسلەپتە مەبلەغ چىقىرىپ يېڭى ئۆي سېلىپ بېرىش، قوي ئېلىپ بېرىشتىن، ئەر خوجايىننىڭ قومۇل شەھىرىدە مۇقىم خىزمەت تېپىپ، ئولتۇراقلىشىشى ۋە ئۇنىڭ ئىككى بالىسىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپنى، ئالىي مەكتەپنى تاماملاپ، خىزمەتكە چىقىشىغىچە ئۇلارغا ئىزچىل ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلدى. چىڭگىل ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى ئامىنە ساۋۇت 50 ياشتىن ئاشقان، ئائىلە ئەھۋالى ئانچە ياخشى بولمىغان يەككە سودا – سانائەتچى، ئۇ ئىقتىسادچانلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان يىغقان 100 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇلىغا كىچىك چىڭگىل دەرياسىغا پولات ئارغامچىلىق ئاسما كۆۋرۈك سالدۇرۇپ، ئىككى قىرغاقتىكى ئۈچ كەنتتىكى دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ يول يۈرۈشىگە زور قولايلىق يارىتىپ بەردى...
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى باشلامچىلىق بىلەن قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز، ھەرىكەتلەرگە بايرىقى روشەن ھالدا قارشى تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن مىللەتلەرنىڭ ئىناق ئۆتۈشى، بىر ياقىدىن باش چىقىرىشى، ئىناق راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە – گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار، ھەر مىللەت، ھەر قاتلامدىكىلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى، بۈيۈك بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى.
2016 – يىلى 1 – ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭى رەھبەرلىرى سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىن مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ دۆلەتباغ يېزىسى قۇرۇقتېرەك كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر توغرىسىدا يېزىلغان بىرلەشمە ئىمزالىق خەتنى تاپشۇرۇۋالدى، خەتنى مەزكۇر كەنتتىكى ‹‹تۆت پېشقەدەم››لەر، دىنىي زاتلار ۋە ئامما ۋەكىلىدىن بولۇپ 17 كىشى بىرلىشىپ يازغان بولۇپ، ئۇلار خەتتە پۈتۈن كەنتتىكىلەرگە ۋاكالىتەن كۈچلۈك ئارزۇسىنى ئىپادىلەپ: ‹‹كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىر ئېنگۇسۇم زەينىدىننىڭ كەنتىمىزدە يەنە داۋاملىق بىر يىل تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز›› دەپ يازغانىدى.
ئىككى يىلدىن بۇيان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرىدىن 1900دىن كۆپرەك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ۋە 630دىن كۆپرەك سىياسىي كېڭەش كادىرى شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى 1066 كەنتكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئۈچ ئەل پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئامما بىلەن تاماقتا، ئەمگەكتە بىللە بولۇپ، ئەڭ زور دەرىجىدە ئەلرايىنى مۇجەسسەملەپ، ئاممىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا سىياسىي كېڭەشنىڭ ئۆزلىرىگە ناھايىتى يېقىن ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش يەنە پارتىيە – گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى مۇھىم خىزمەت قىلىپ، دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار، سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە – گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ دېموكراتىك ھوقۇقىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، تەتقىق قىلىش، كېڭىشىش ئاساسىدا پىلان تۈزۈش قاتارلىق مۇھىم ئىشلاردا ئۇلاردىن تەكلىپ – پىكىر ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىشىغا پائال سەھنە ھازىرلاپ بېرىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچىنى بېغىشلىدى.
ۋەزىپىلەرنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، ياخشى ئەقىل كۆرسىتىپ، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئابىلمەجىن 12 – مارت سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 – يىغىنىدا ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغدايلى›› دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى كېڭىشىش سەھنىسىدە دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىدىن ئىبارەت ‹‹يامان سۈپەتلىك ئۆسمە››نى يوقىتىپ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئىستراتېگىيەسىنى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
‹‹شىنجاڭ ئاۋازى›› خەلق سارىيىدا ياڭرىدى، بۇ شىنجاڭدىكى 23 مىليون ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق قەلب ساداسى! يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت بۇ باش نىشاننى چۆرىدەپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە زەربە بېرىش، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى چەكلەش، دىن ئىناقلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئامىللارنى تۈگىتىش، تىنچ شىنجاڭ قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق تېمىلار بويىچە تۈرلۈك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ‹‹سىياسىي كېڭەش ساداسى››نى ياڭراتتى.
‹‹يېزىلاردىكى 80 –، 90 – يىللاردا تۇغۇلغانلارغا قارىتىلغان قانۇن – تۈزۈم تەربىيەسى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ئۇزاق ئۈنۈملۈك خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان يوشۇرۇن ئامىللارنى مەنبەدىن تۈگىتىش كېرەك››؛ ‹‹جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى ۋە تەربىيەلىنىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا 12 يىللىق ھەقسىز مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك››؛ ‹‹شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى قىلمىشىغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىدىغان يەرلىك نىزام بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈش كېرەك››... بۇ بىر قاتار تەكلىپلەر ئومۇمىيەتكە زىچ باغلانغان.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ‹‹ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك››، ‹‹شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش›› باش تېمىسىدىكى دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا 14 پارچە تەكلىپ تاپشۇردى. ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ئىتتىپاق، مۇقىم ۋەزىيىتىنى قەتئىي قوغداش توغرىسىدىكى قارار››نى چىقىرىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى ھەرىكەتلىرىگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش توغرىسىدا چاقىرىق چىقاردى... بۇ بىر قاتار ھەرىكەتلەر ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتتى.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش مۇقىملىققا ئالاقىدار مۇھىم مەسىلىدە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ئوخشىمىغان شەكىلدە جەمئىي 5400 قېتىمدىن كۆپرەك سۆھبەت يىغىنى، لېكسىيە، شىكايەت يىغىنى ئېچىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قەتئىي قارشى تۇرۇشقا يېتەكلەپ ۋە تەربىيەلەپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىدى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ‹‹بەش ئاچقۇچ››تىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، توغرا ئېتىقاد ئارقىلىق سىقىپ چىقىرىش، مەدەنىيەت ئارقىلىق سۇسلاشتۇرۇش، قانۇن ئىدارە قىلىش ئارقىلىق چەكلەش، پەننى ئومۇملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ‹‹تۆتنى تەڭ باشقۇرۇش››تا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹لېكسىيە ئۆمىكى››، ‹‹تەشۋىقاتچى››لارنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ زىيىنىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ئاساسىي ئېقىم ئاۋازىنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈپ، كىشىلەرنى ياخشى تەربىيەلەپ، قەلبلەرنى تەسىرلەندۈرۈپ، ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش››نى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا سىياسىي كېڭەش بىرلىك سېپىنىڭ ئاممىۋى خىزمەتتىكى ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى جارى قىلدۇردى.
ماھىرلىق بىلەن ئىزدىنىپ، دادىل ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، كېڭىشىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىش
23 – مارت چۈشتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش بىر مەيدان قىزغىن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىنغا قاتناشقان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، مۇتەخەسسىسلەر، يەتتە فۇنكسىيەلىك تارماق ۋە بىر قىسىم ئاساسىي قاتلام سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇللىرى ‹‹ئەنئەنىۋى يېزا – قىشلاقلارنى قوغداش›› دېگەن تېمىنى چۆرىدەپ بەس – بەستە پىكىر بايان قىلدى. بۇ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 2014 – يىلى ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى يولغا قويغاندىن بۇيان ئۆتكۈزۈلگەن 19 – قېتىملىق ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دىققەتنى ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى چۆرىدەپ، كېڭىشىش پائالىيىتىنىڭ ئۈنۈملۈك شەكلى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت تارماقلىرى بىلەن بولغان خىزمەت ئالاقىسى تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوخشىمىغان شەكىلدە مەخسۇس كېڭىشىش، نىشانلىق كېڭىشىش، ساھەلەر بويىچە كېڭىشىش، تەكلىپ بېجىرىش ئەھۋالى بويىچە كېڭىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، كېڭىشىش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئاشۇردى.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 2014 – يىلىدىن باشلاپ سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيە قەدىمىنى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ ۋە ئۇنى كېڭەيتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى ۋە تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ‹‹ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش››نى باش تېما قىلىپ، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 7 – قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنى ئېچىپ، مەمۇرىيەت ئىشلىرىنى مەخسۇس كېڭىشىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇش، مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق يەتتە تەكلىپ لايىھەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تەدبىر بەلگىلەشكە مەسلىھەت بېرىش رولىنى جارى قىلدۇردى؛ ‹‹شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش››نى باش تېما قىلىپ، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 10 – قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنى ئېچىپ، مەمۇرىيەت ئىشلىرىنى مەخسۇس كېڭىشىپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل كۆرسەتتى؛ تەڭرىتاغ 1 – مۇزلۇقى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى قۇرۇشنى مەخسۇس كېڭىشىپ، دېموكراتىك نازارەت قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئۈستىدە ئىزدەندى؛ ‹‹شىنجاڭدا ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش››نى باش تېما قىلىپ، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 11 – قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنى ئېچىپ مەمۇرىيەت ئىشلىرىنى مەخسۇس كېڭىشىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ‹‹ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ئاپتونوم رايوننى قۇدرەت تاپقۇزۇش›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈردى.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 2014 – يىلى تۇنجى قېتىم كېڭىشىش خىزمىتى يىللىق پىلانىنى تۈزدى، ئىككى يىلدىن بۇيان جەمئىي 26 تۈرلۈك كېڭىشىش پىلانىنى تۈزدى، ‹‹يىللىق كېڭىشىش پىلانىنى بېكىتىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ۋاقىتلىق يولغا قويۇش چارىسى››نى تۈزۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى ھەم تەشكىللەپ يولغا قويۇشىغا سۇنۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىش پائالىيىتىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىدا تېخىمۇ نامايان قىلىپ، تۈرلۈك كېڭىشىش پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇردى.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 2014 – يىلى 2 – ئايدا تۇنجى قېتىملىق ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، ھازىرغىچە مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش، سانائەت رايونلىرىنىڭ ئېنېرگىيەنى تېجەپ، بۇلغىمىنى ئازايتىشنى چۆرىدىگەن ھالدا 19 قېتىملىق ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، كېڭىشىش تېمىسىنىڭ كۆپىنچىسىدە ئومۇمىيەتكە مۇناسىۋەتلىك ‹‹كىچىك مەسىلىلەر››نى چىقىش قىلىپ ئوتتۇرىغا قويغان كېڭىشىش پىكىرلىرى پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ، مول نەتىجە بېرىپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ بىر چوڭ يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندى.
2016 – يىلى چاغان تۈگىشى بىلەنلا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش نىشانلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە تىرانسفورموتور ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى ۋە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە مەخسۇس كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنىنى ئاچتى، بۇ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ يېڭى يىلدىكى يېڭى ھەرىكىتىدە يېڭىلىق ياراتقانلىقى، شۇنداقلا كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيە شەكلىنى كېڭەيتىشتىكى مۇھىم ئۇسۇل بولۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۈلگىلىك رول ئوينىدى.
پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشلەشكە ماھىر بولۇپ، تەرەققىياتنى كۆزلەپ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارغا مۇلازىمەت قىلىش
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 2014 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا ‹‹شىنجاڭنى ئەڭ پاكىز جاي قىلىپ قۇرۇپ چىقىش››تەك ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى تېمىسىنى تەنتەنىلىك ئوتتۇرىغا قويدى ھەم بۇ خىزمەتنى سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇل بولۇشىغا تاپشۇردى.
بىر يىلدىن كېيىن ‹‹پاكىز شىنجاڭ قۇرۇش›› ئىدىيەسى كىشىلەر قەلبىدىن ئورۇن ئالدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پاكىز شىنجاڭ قۇرۇشقا قىزغىن ئاتلاندى، شىنجاڭنىڭ تاغلىرى تېخىمۇ يېشىللىققا پۈركەندى، سۈيى تېخىمۇ سۈزۈلدى، ھاۋاسى تېخىمۇ ساپلاشتى... ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پاكىز شىنجاڭ قۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا يېشىللىق ئۇرۇقىنى چاچتى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئورۇنلاشتۇرغان مەخسۇس خىزمەتلەرنى زىچ چۆرىدەپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئالاقە دائىرىسى كەڭ، ئىختىساسلىقلار توپلانغان بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى تىرىشىپ جارى قىلدۇرۇپ، پاكىز شىنجاڭ قۇرۇلۇشى، ئادەتتىن تاشقىرى نېفىت – گاز بايلىقىنى چارلاش – ئېچىش، خاس يېمەك – ئىچمەك كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەردە مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، دادىل ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، تەشەببۇسكار بولۇپ، ئەقىل كۆرسىتىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچەپ، سۆزى راست بولۇش، تەدبىرى ئەمەلىي بولۇش، ھەرىكىتى توغرا بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ياخشى ئاۋازىنى ياڭراتتى.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش مەدەنىيەت، تارىخ ماتېرىيال خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭىلىق يارىتىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ 100 يىللىق ئەمەلىي خاتىرىسى، شىنجاڭنىڭ ‹‹ئۈچ ئەل›› پائالىيىتى ئەمەلىي خاتىرىسى، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش خاتىرىسى، غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش، ئەجدادلىرىمىز قاتارلىق تارىخىي ماتېرىياللارنى توپلاپ تۈزدى، بەزى نەشر بۇيۇملىرى ئېلىمىزنىڭ چېگرا مەدەنىيەت تارىخى كىتابلىرىنىڭ ئۈلگىسى بولدى، بەزىلىرى شىنجاڭنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش تارىخىي ماتېرىياللىرىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ تارىخنى ئەستە تۇتۇپ، ئەلنى ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاقلىشىش، ئادەم تەربىيەلەش فۇنكسىيەسىنى تولۇق جارى قىلدۇردى.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش يەنە ئىسلاھات، تەرەققىياتقا كۈچەش، خەلق تۇرمۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى ئىشلەش ۋە نەتىجە يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مەمۇرىيەت ئىشلىرىنى مەخسۇس كېڭىشىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تەدبىر بەلگىلەشتىن مەسلىھەت بېرىش رولىنى جارى قىلدۇردى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىزچىللاشتۇردى.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلارنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ خەلق ئۈچۈن كېڭىشىش، خەلقنى كۆزلەش، خەلق ئۈچۈن ئەقىل كۆرسىتىش، خەلق ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىنى ئاڭلىق ئىشقا ئاشۇردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ‹‹خەلق تۇرمۇشى ئەلا، ئامما بىرىنچى، ئاساسىي قاتلام مۇھىم›› تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى زىچ چۆرىدەپ پائال ئەقىل كۆرسەتتى. قىز ئىستۇدېنتلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كەسپىي مائارىپ ۋە كەسپىي تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش، ئۈرۈمچىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەش، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەشنى تېزلىتىش ۋە يېزا يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش قۇرۇلۇشى قاتارلىق قارالمىلارنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئەمەلىي تەدبىر كۆرسىتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. قىيىنچىلىقى بار ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ئوتتۇرىغا قويغان قوي، كالا گۆشى تولۇقلىمىسى بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، چېگرا رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش، ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشى، چارۋىچىلارنىڭ يايلاق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداشنى كۈچەيتىش جەھەتلەردىكى تەكلىپلىرىنىڭ ھەممىسى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى.
ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىدىكى خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەرنى بىۋاسىتە كۆردى ۋە ئۇنىڭغا قاتناشتى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ۋە سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان پارتىيە – گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار، ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن مۈرىنى – مۈرىگە تىرەپ ئىلگىرىلەپ، شانلىق نەتىجە ۋە شانلىق سەھىپە ياراتتى.
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.